قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئابدىل ساغىسبايېپ بىلەن خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ 15-دېكابىر كۆرۈشۈپ، «3 خىل كۈچلەر»گە قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېڭ جيەنجۇ ئىككى ئەلنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستان-خىتاي ئىككى ئەل رەھبىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى ئەل رەھبىرىنىڭ قانداق ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ساغىسبايېپ، قىرغىزىستان تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى باستۇرۇشتا خىتاي بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەييار، دېگەن.
قىرغىزىستان بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش مىنىستىرلار يىغىنى 14 - ۋە 51-دېكابىر خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 10 يىللىق ئىستراتېگىيەسى ماقۇللانغان ئىدى.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر رادىكال تېررورلۇق گۇرۇھى-دائېشنىڭ قوشۇنىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، جۈملىدىن قىرغىز پۇقراسى بار بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇلار قايتىپ كەلسە، قىرغىزىستاندا مەسىلە چىقىرىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن.
ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋال قىرغىزىستاننى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
