24-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاندا يېڭى پرېزىدېنت سورونباي جېيېنبېكوۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭ قىرغىزىستان باش مىنىستىرى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، 2019-يىلىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستاندىكى پۈتۈن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى چوقۇم قىرغىز تىلىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سەپەر ئىسساقوفنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى قول قويغان بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىدا بارلىق دۆلەت ۋە پۇقرالار خىزمەتچىلىرى، رايون خىزمەتچىلىرى، ئالىي، ئاساسىي، يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋەزىپىلەردىكىلەرنىڭ چوقۇم دۆلەت تىلى، يەنى قىرغىز تىلىنى بىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
قىرغىز تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن 2018-يىلىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس دەرسلىك تەييارلاپ چىقىرىشى بەلگىلەنگەن.
مەلۇمكى، قىرغىزىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، قىرغىزلار ئاھالىنىڭ 72% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ كېيىن قالسا ئۆزبەكلەر، 14%ni, رۇسلار 6. 4%ni تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن، ئۇيغۇر، تۇڭگان، تاجىك، تۈرك ۋە باشقىلار بار. قىرغىزىستاندا يەنە ئۇكرائىن، گېرمان قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرىمۇ ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىغا ئىگىدۇر.
قىرغىزىستاندا ئەسلىدە قىرغىزلاردىن كېيىنلا رۇسلار ئاساسلىق مىللەت بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن رۇسلار رۇسىيەگە كەتكەن بولۇپ، ھازىر 369 مىڭ ئەتراپىدا رۇس ياشايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بىشكەك شەھىرىگە جايلاشقان. ئۇلار ئارىسىدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھۆكۈمەت، ساقچى-ئارمىيە، دوختۇرخانا، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە باشقا ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدۇ ھەم ئۇلار ئارىسىدا خېلى كۆپ ساندىكى ھەر دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەر بار ئىكەن.
قىرغىزىستاننىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى بويىچە رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى قىرغىز تىلىنى بىلىشى كېرەك ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆز ئانا تىلىنى بىلىش تۆۋەنلەپ كېتىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم قازاق ۋە قىرغىزلار، بولۇپمۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆز تىلىنى ياخشى بىلمەسلىك ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق رۇس تىلى مائارىپىدا يېتىشكەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى تۈرلۈك رەھبىرى خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز تىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى.