«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ قىرىمدىكى مۇخبىرى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ 22 يىللىق قاماققا كېسىلگەن

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى قىرىمدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مىكولا سېمېنا 22-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، 22 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «مەزكۇر ھۆكۈم ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى زوراۋانلىقتۇر،» دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل سىياسىتى باشقارمىسىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن قىرىمدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا،» دېگەن.

«ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» بىلەن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ باشلىقى توماس كېنت رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «بۇ جازا رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ قىرىمدىكى مۇستەقىللىق سادالىرىنى تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى،» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن سېمېنا «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇكرائىن بۆلۈمىگە قاراشلىق قىرىم تارمىقى ئۈچۈن خەۋەر يازىدىغان ئىختىيارىي مۇخبىرى ئىكەن. سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سېمېنا، «مەن رۇسىيەنىڭ ئادالەت ۋە قانۇن سىستېمىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم،» دېگەن.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا دائىرىلىرى قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قىرىمدىكى رۇس ئىشغالىغا قارشى كۈچلەرنى، بولۇپمۇ يەرلىك قىرىم تاتارلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

2014-يىلى قىرىملىق پائالىيەتچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى سېنتىسوف رۇس ئىستىخباراتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.