كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قىرىم تاتار پائالىيەتچىسى ئىلمى ئۆمەروفنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قىرىم تاتارلىرىنىڭ پائالىيەتچىسى ئىلمى ئۆمەروفنىڭ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي سولاپ قويۇلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 26‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، «قىرىم غەيرىي رەسمىي دائىرىلىرى پائالىيەتچى ئىلمى ئۆمەروفنى قويۇپ بېرىشى، ئۇنىڭغا ئارتىلغان بۆلگۈنچىلىك جىنايىتىنى بىكار قىلىشى، ئۇنىڭ داۋالىنىش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

بۇ يىل 59 ياشلىق ئىلمى ئۆمەروف ئىلگىرى قىرىم باغچىشەھەر رايونىنىڭ باشلىقى، قىرىم تاتار مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. لېكىن رۇسىيە 2014‏-يىلى 2‏-ئايدا قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇ رۇسىيە ئىشغالىيىتىنى تەنقىد قىلغان ھەم رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى جازالاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قىرىم ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 2‏-ئايدا قىرىم تاتار مەجلىسىنى رادىكال تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما قىرىم تاتار پائالىيەتچىلىرى سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، «ئۆمەروفنىڭ مەجبۇرىي روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا سولىنىشى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىق» دەپ كۆرسىتىپ، قىرىم دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان «شەرمەندە ئۇسۇل» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.