قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنادىن قىرىمغا كېلىدىغان يوللارنى توسۇش ھەرىكىتى باشلىدى

قىرىم تاتارلىرى بۇ ھەپتىدىن بۇيان ئۇكرائىنادىن قىرىمغا كىرىدىغان چوڭ يوللارنى قامال قىلىپ، ئۇكرائىنادىن قىرىمغا توشۇلىدىغان يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزمەسلىك پائالىيىتى باشلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ 1-كۈنىلا 200 يۈك ئاپتوموبىلى توسۇلۇپ، قىرىمغا كىرگۈزۈلمىگەن.

قىرىم رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىگەندىن كېيىن، قىرىمنى تەمىنلەش رۇسىيەنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بولىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇتلەق كۆپ قىسىم يېمەك ئىچمەكلەر ئۇكرائىنادىن كېلىدىكەن. قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنادىن كېلىدىغان يېمەك ئىچمەك ۋە باشقىلارنى توسۇش ئارقىلىق قىرىم ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلماقچى ئىكەن. چۈنكى، قىرىم ھۆكۈمىتى مۇتلەق كۆپ قىسىم مەھسۇلاتنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇكرائىنا تەرەپ قىرىمنىڭ يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ تەمىنلىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.