خەلقئارادا خىتايدىن «قولىنى يۇيۇۋېتىش» دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكاسىنى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوخشىمىغان شەكىللەردە «ئادا-جۇدا بولۇش» ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

«سىملىق» تورىدا 21-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەقلىدىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىفليتەك پەن-تېخنىكا شىركىتىنى نازۇك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەت خىتايدىكى شەخسلەر بىلەن دۆلەت ئىگىدارچىلىقى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان شىركەت بولۇپ، خىتايدىكى ئاۋاز تونۇش تېخنىكاسىغا دائىر بارلىق ئاپپارات ۋە ئۈسكۈنىلەرنى مۇشۇ شىركەت ياسايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قارار 2020-يىلى فېۋرال ئېيىدىكى بىر قېتىملىق مۇھاكىمىدىن كېيىن رەسمىي قوبۇل قىلىنغان. ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىفليتەك شىركىتى بىلەن بولغان بىرلەشمە تەتقىقاتىغا كېرەكلىك مەبلەغ خىتاي، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شىركەتلەردىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىككى يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىققا بولغان قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بىز دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ساھەسى بويىچە خىتايدىن كېلىۋاتقان خېيىم-خەتەرلەرنى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ئويلاشتۇق،» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئىفليتەك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە شىركەتنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىك قىلمىشىغا شېرىك بولغانلىقتا ئەيىبلەپ «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى سىستېمىسىنىڭ ئاۋاز تونۇش ئەسلىھەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا بىۋاسىتە ھەمدەم بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئىفليتەك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ تاۋ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىركىتىمىزنىڭ نىشانى تەقلىدىي ئەقىل ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئىدى،» دېگەن. ئەمما ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاسپىرانت زۇلقايدە مەمەت ئۆز مەكتىپىنىڭ خىتايدىكى تەقلىدىي ئەقىل شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەنقىدلەپ: «بۇ جەھەتتىكى ھوشيارلىقىمىز بوشىشىپ قالسا تارىخنىڭ قارشى مەۋقەسىگە ئۆتۈپ قالىمىز،» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 20-ئاپرېلدىكى مەخسۇس ماقالىسىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلغاندا بۇنىڭ قانداق بەدەللەرگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىردى.