خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قىسقۇچ پاقا باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ كەمچىل، قۇرغاق، چۆل ئىقلىمى رايونى بولۇشىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشلىغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» 1-ئاپرېل كۈنى چىقارغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن كېخۇي ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى ئىچكىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرغان. بۇ شىركەت يېقىندا تەكلىماكان بويىدىكى قاراقاش ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرىغا 10 توننا قىسقۇچ پاقا لىچىنكىسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل كۈزدە ئۇنىڭدىن 40 توننا قىسقۇچ پاقا مەھسۇلاتى ئېلىشنى پىلانلىغان.

خەۋەردىكى مەلۇماتقا كۆرە، قاراقاش ناھىيەسىدە ھازىرغا قەدەر 123 تاتلىق سۇ كۆلى، يەنى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3800 تونناغا يەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۈن نۇرى ۋە تاغ سۇلىرىدا يېتىشىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى قەيەردە دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى بولسا شۇ يەردە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىغان. خوتەندىن باشقا، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلغان. ھالبۇكى، دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىدە يېتىشىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنى بېقىش ئۈچۈن تاتلىق سۇغا تۇز قوشۇشقا توغرا كەلگەن.

ئۇيغۇر رايونى نۆۋەتتە خىتاينى ئېنېرگىيە، توك، ئاشلىق، گۆش بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا بولۇپلا قالماي، «ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى» يېتىشتۈرىدىغان رايونىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇلغىنىش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭمۇ خىتايچىلىشىپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.