ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خامچوت كومىسسىيونىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن گېرمان سىياسەتچى گانتىر ئوتىنگەر ئۆتكەن ھەپتە بىر يىغىندا خىتايلارنى قىيسىق كۆز دەپ مەسخىرە قىلغان.
ئۇ يەنە سۆزىدە، ياۋروپا بىرلىكىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن خىتاي مىنىستىرلار گۇرۇپپىسى ھەققىدە توختالغاندا «ئۇلار چېچىنى سولدىن ئوڭغا تارىۋالغان ۋە ئاياق مېيىدا مايلىۋالغان» دەپ چاقچاق قىلغان. يوشۇرۇنچە سىنغا ئېلىنغان ۋە يوتۇپتا ئاشكارىلانغان بۇ سۆزلەر، نۆۋەتتە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن مەزكۇر سۆزلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ «بۇ، بەزى ياۋروپا سىياسەتچىلىرىنىڭ يوغانچى خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ئوبيېكتىپ قاراشنى ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئوتىنگېر ئاخباراتقا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى تۈزلا دېگەنلىكىنى، خىتايلارنى كەمسىتىش مەنىسىدە دېمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
خەلقئارا خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە، ئوتتىنگەر يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ھامبۇرگدا ئېچىلغان بىر يىغىنىدا ئېغىزدىن چىقارغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتىنگەر يىغىندا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادا شىركەتلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتايدا ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقى ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئوخشاش دەرىجىدە يول قويۇش بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ سۆز ئارىسىدا خىتايلارنى «قىيسىق كۆزلەر» ۋە «يالغانچىلار» دەپ ئاتىغان.