«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق 6 كىلاسسىك ئەسەر خىتاينىڭ 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن


خىتاي مائارىپ سىستېمىسىدا 1980-يىللاردىن بۇيان تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن زامانىۋىيلىشىش، غەربلىشىش ۋە دۇنياۋىيلىشىش دولقۇنى يېقىندىن بۇيان پەسكۇيغا يۈزلىنىپ، سىياسەت خاراكتېرلىق خىتايلاشتۇرۇش ئېقىمى باش كۆتۈرمەكتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مائارىپىدا باش كۆتۈرگەن گىلوبالىزمغا قارشى خىتايلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» نەزەرىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتايدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىي سوئاللىرى دائىرىسىدە بۇ يىل مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن.

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق خىتاي ئەدەبىيات تارىخىدىكى 6 مەشھۇر كلاسسىك ئەسەر 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ زۆرۈر تەييارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

مائارى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئاللىرى دائىرىسىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىغا دائىر مەزمۇنلارنىڭ ئازىيىپ، خىتاي ئەدەبىياتىغا دائىر مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.