دۇنيا كانچىلىق ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى ئاقسايچىن قوغۇشۇن-سېنىك كانىدا چارلاش ۋە قېدىرىش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر كانچىلىق شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايولۇق دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىغا جايلاشقان ئاقسايچىن قوغۇشۇن-سېنىك كانىدا چارلاش ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنىڭ سېتىشقا چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىي بايلىق سودا تورى يېقىندا بۇ كاننىڭ چارلاش ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى «شىنجاڭ كانچىلىق مەبلەغ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى» گە سېتىلغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ 25 مىليارد يۈەن باھا بېرىپ، بۇ كاننى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ شىركەت، مەزكۇر كاننى غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، پولىسىلىكون، سېرىق توپا ۋە باشقا قىممەتلىك رۇدىلاردا خىتايغا بېقىنىپ قېلىش ئەھۋالىغا قانداق خاتىمە بېرىشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا سېتىۋالغان. غەرب دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، رايوندىكى بۇ خىل قىممەت باھالىق رۇدا ماتېرىياللىرىنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇشىدۇر.
ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 7-فېۋرال كۈنى ئاقسايچىن قوغۇشۇن-سېنىك كانىنى «شىنجاڭ كانچىلىق مەبلەغ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى» گە سېتىش قارارىنى رەسمى ئېلان قىلغان. 2011-يىلى «شىنجاڭ گېئولوگىيە كانچىلىق ئىدارىسى» نىڭ 8-گېئولوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن بايقالغان بۇ كاننىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 292 كۋاتدرات كىلومېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، 80 مىليون توننا رۇدا زاپىسى بولغان بۇ كاننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېچىلىشىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئەندىشە قوزغىماقتىكەن.