«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەندىكى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ قوغۇشۇن-سىنك كانى قېزىلىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىل 1-ئايدىلا بۇ كاننى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى سېتىش رېكورتىنى ياراتقان. خەۋەردە، بۇ كان ھازىرغىچە خىتايدىن تېپىلغان قوغۇشۇن-سىنك زاپىسى ئەڭ مول، ئەڭ سۈپەتلىك كان دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
خىتاينىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى 2008-يىل بۇ چوڭ كان بايلىقىنى بايقىغان بولۇپ، 2016-يىل رايونلۇق كان ئىدارىسى بۇ كاننىڭ دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ قوغۇشۇن-سىنك كانى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. 2023-يىل خىتاينىڭ «شىنجاڭ كانچىلىق گۇرۇھى» بۇ كاننى ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كاندىكى قوغۇشۇن-سىنك زاپىسى 21 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن.
بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ كاننى قېزىش خىتاي ئۈچۈن دۇنيا دەرىجىلىك قوغۇشۇن-سىنك بازىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» دەپمۇ ئاتالغان.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ئېنېرگىيە، كان بايلىقى ۋە خام ئەشيا بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەمەس، ئىچكىرى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان بايلىقلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا تارىم ئويمانلىقى لوپنۇر نېفىتلىكى قاتارلىق 4 نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز رايونىنى چارلاپ بايلىق قېزىش ھوقۇقى خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە سېتىلغانىدى.
گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى گۈلمىرە بەرداش خانىم ئۇيغۇر كان بايلىقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ كان بايلىقلىرىمىز خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، خىتاي بايلىقلىرىمىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىققا سەۋەب بولىدۇ» دېگەنىدى.