خوتەندىكى ئوت ئاپىتىگە كۆز يۇمغان جاڭ چۈنشيەن ھۈكۈمىتى سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 5 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلغان

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىچۈەن يائەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازاغا ئۇچرىغانلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ھال سوراش خېتى ئېلان قىلغان. تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھال سوراش خېتىدە مەزكۇر ئاپەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا 5 مىليون ياردەم قىلىدىغانلىقى بايان قىلغان.

تېخى ئۆتكەن ھەپتە خوتەندە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم ياكى ياردەم بېرىشنى ھېچ ئويلاشمىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئاپەتكە بۇ قەدەر تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە كۆڭۆل بۆلۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ «ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى، ھەر قېتىملىق زور ۋەقەلەردە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ھېچ يوشۇرماستىن ئاشكارا كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېدى. دىلشات رىشىت باياناتىدا، خوتەندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇچرىغان زىيانغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆز يۇمۇپ تۇرىۋېلىشىنى، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىنمۇ قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغان بىر پوزىتسىيە» دەپ تەنقىد قىلدى.