ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 27-ماي كۈنىدىكى دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ F-A 18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى، F-35 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق بىر قىسىم ھەربىي قورال مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي خاككىرلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن ھەربىي قورال-ياراققا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت ئەكېلىدىغانلىقى ياكى بولمىسا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خاككىرلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەت تورىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ياكى قورال -ياراق سودىگەرلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىدىن ئىگىلىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.
