خەلقئارا قورال-ياراق تىجارىتى ئەھدىنامىسى خىتاينىڭ ئاۋازىسىز ب د ت دا تەستىقلاندى

تۈنۈگۈن ب د ت ئومۇمى كېڭىشىدە مۇزاكىرىگە قويۇلغان خەلقئارا قورال-ياراق تىجارىتى ئەھدىنامىسى 3 كە قارشى 154 ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق 23 دۆلەت مۇزاكىرىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. ئىران، سۈرىيە ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق 3 دۆلەت ئەھدىنامىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئەھدىنامىنىڭ تېخى ئومۇميۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ب د ت مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بايان قىلغان.

تۈركچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەھدىنامە، زامانىۋى ۋە ئادەتتىكى قوراللارنىڭ قورال-ياراق سودىگەرلىرى، قاراقچىلار گۇرۇھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.