خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانىنى ئالماشتۇردى

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت كابىنېتى 16‏-ماي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق باش ئەترىتىنىڭ قوماندانىنى ئالماشتۇرۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۇ لوچىننى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكەپ كەلگەن.

بۇرۇنقى باش ئەترەت قوماندانى چى باۋۋېننى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقلىقىغا يۆتكىگەن. قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ كەلگەن كۈچ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. لېكىن قوماندانلىقتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ۋەزىيەت تەقەززاسىدىن كېلىپ چىققان ياكى نورمال ۋەزىپە ئالمىشىش ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏-يىلى قەشقەر «4‏-ئاۋغۇست ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا تاسادىپىي ۋەقەلەردە قورال ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق كۈچلىرىگە بېرىلگەن بۇ ھوقۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇيرۇق ئېلان قىلىش يىغىنىدا چاڭ چۈنشيەن، قىسىملارنىڭ ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىقنى كۈچەيتىشى، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى، يادرولۇق ھەربىي ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.