يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نى كۈچەپ يولغا قويۇشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئانا تىل ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىللىق مائارىپقا بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتىكەن. ھالبۇكى، بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ كىرىزىسنى تونۇپ يېتىپ، تىجارەت بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇق تەقەززاسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېلىكترونلۇق بالىلار مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى «ۋاللەي» خەلقئارا سودا شىركىتى، قارلۇق خەلقئارا سودا شىركىتى، ئىرپان ئېلىكترون سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مىللىي كارخانىلار بازارغا سالغان ئانا تىل، مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي مەدەنىيەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنماقتىكەن.
بولۇپمۇ «ۋاللەي» شىركىتى بازارغا سالغان ۋاللەي ئېلىببە تاختىسى، دانا توشقان، بىلىمخۇمار قونچىقى، ۋاللەي تېلېفون، ۋاللەي دۈم - دۈم، ۋاللەي ئىنژىنېر، ۋاللەي يۈرۈشلۈكلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئويۇن بىلەن ئۆگىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ مەھسۇلاتلار نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ جەلپ قىلماقتىكەن.