خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى قوللانمىسى» نى تۈزۈپ تارقاتتى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى قوللانمىسى» نى تۈزۈپ چىققان.

كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى ۋە ئۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر بالىلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە يوليورۇقلار بېرىلگەن. بۇ قوللانما ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل مائارىپى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرى قوللانمىغا ئاساسەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قوللانمىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، پارتىيىنىڭ قوش تىل سىياسىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، قوش تىلنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئىلى، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى مائارىپ ئورگانلىرى قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ كۈچەيتىش ھەققىدە بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قايتا تەكىتلەپ ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش چىقىرىشىدا، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلار ئارىسىدا ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرۋەقە يېقىندا، قەشقەردە ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن شەخسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىب ۋە سوئال -سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان، خەۋەر غەيرىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تورداشلار ئارىسىدا كەڭ مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.