ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلېر «SupChina» تور بېتىدە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان يېڭىچە خىتاي مائارىپ سىستېمىسى ھەققىدە بىر مۇھىم ماقالە ئېلان قىلدى.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئون يىل ئاۋۋال باشلىغان «قوش تىل» مائارىپىنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىغا سىڭىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخ ئېڭىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى مىساللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلار مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ۋىلايەت-ناھىيەلەردە «ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر» بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. ئۇ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پۈتۈن مەكتەپلەردە خىتاي تىلى مائارىپى ئورنىتىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانى خىتاي تىلى بويىچە ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن. بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر نورمال ئوقۇشىغا داۋام قىلىدىكەن. ئۆتەلمىگەنلەر بولسا «ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپ» لەرگە بارىدىكەن. ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئورۇنلاردا ئوقۇغۇچىلار خىتاي تىلى ئۆگىنىپ، قالغان ۋاقتىدا زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان يېڭىچە سىستېما شەكىللىنىشكە باشلىغان. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى 15 ياشتىن باشلاپلا شۇ جايلاردا قۇرۇلغان چوڭ تىپلىق كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئىشلەمچىلەرگە ئايلانماقتىكەن.
دەررىن بايلېر ماقالىسىدە «قوش تىل مائارىپى» دەپ ئاتىلىۋاتقان مائارىپنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە يەنە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تاشپولات تېيىپ ۋە ساتتار ساۋۇتلارنىڭ مەسىلىسىنىڭمۇ دەل ئانا تىل مائارىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىدەك پاكىتلارنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىڭمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.