خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بۈگۈن شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئىچىدە قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 1 مىليون 700 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي رەقەمنىڭ 66 پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قوش تىل خىزمەتلىرى ئىشخانىسى بۇ رەقەمنىڭ نىشان قىلىنغاندىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن سۈرئەتنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي جىددىي ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020-يىلىغىچە قوش تىل مائارىپىنى 100 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەۋەر ئورگىنى بولغان شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگىمۇ تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر قوش تىل مائارىپىنى رايوندىكى تەڭسىزلىكلەرنىڭ ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا.

ئۇلار، خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىپ چىقىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىق ۋە نارازىلىقلارغا ۋە يامان ئاقىۋەتلەرگە كۆز يۇمغان ئاساستا ئۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.