خىتاينىڭ بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەكتەپلەردىن تاللاپ چىقىلغان 46 نەپەر ئوقۇتقۇچى خوتەنگە بىر يىللىق «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار خوتەن ناھىيىسى، قارىقاش ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى ۋە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خوتەنگە جايلاشقان 14 - دېۋىزىيىسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2000 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى خىتايچە مەكتەپلەر بىلەن قوپشۇۋېتىلىپ، ئۇيغۇرچە سىنىپلار قوش تىللىق سىنىپلارغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇيغۇر مائارىپىدىكى تايانچ كۈچ بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا «خىتاي تىلى سەۋىيە ئېمتىھانىدا لاياقەتسىز» دېگەن باھانىدە شاللىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلىشى، ئاتا - ئانىلاردا بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىۋېتىلىشىدەك ئەندىشىنى پەيدا قىلغان بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان ئىدى.