«قوش تىل يەسلىلىرى» نى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاكتىپ بولمىغان كادىرلار «بىر تەرەپ» قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى «قوش تىل يەسلىسى» قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغان ياكى پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولمىغان كادىرلارنى «بىر تەرەپ» قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11 ناھىيە، شەھەردىكى ھاكىم دەرىجىلىك 15 كادىرغا ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 22 كادىرغا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، تەنبىھ بېرىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى قوللانغان ھەم 11 ناھىيە، شەھەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ رەھبىرى كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مەخسۇس «قوش تىل» يەسلىسى تۈرىنى چوقۇم بۇ يىل ئىچىدە تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش يوليورۇقىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئەستايىدىل بولمىغان ۋە پىكىر يولى ئېنىق بولماي خىزمەتلەردە كۈچىمىگەن. شۇڭا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن.

خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپى» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ يەسلى بالىلىرىغا قارىتىلغان «قوش تىل مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇشقا زور مەبلەغ چىقىرىشى دىققەت قوزغاپ، نارازىلىق پىكىرلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ كادىرلارنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىل سىياسىتىگە قارىتا ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردە بولغانلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.