ئۇيغۇر ئېلىگە بۇ يىل 23 مىڭدەك قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى كېرەك ئىكەن

ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەپ يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە سوئاللار قويۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ يىل 23 مىڭغا يېقىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇر ئېلى «قوش تىل مائارىپىنىڭ تەكشى خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئېلان يېقىندا چىقىرىلغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش 15-مايدىن، 21-مايغىچە داۋام قىلىدىكەن.

ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى سانى 22 مىڭ 972 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9291 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، 7705 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، 2186 تۇلۇقسىز ۋە 3790 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن.

بۇلارنىڭ 70 پىرسەنتكىچە قىسمى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئادەمنىڭ دىققىتىنى چېكىدىغان يېرى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا كەسپىي ۋە ئوقۇش تارىخىي جەھەتتە قويۇلىدىغان شەرتنىڭ ئانچە قاتتىق ئەمەسلىكى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوڭلار مائارىپىدا ۋە ئىشتىن سىرتقى مائارىپتا تەربىيىلىنىپ مەخسۇس كۇرسنى تاماملىغانلا بولسىلا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قوش تىل مائارىپى ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتكەن ۋە 2016-يىلى 80 مىڭ 910 قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتىنى 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

مەزكۇر سىياسەت يېقىنى 5 يىل ئىچىدە قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق يېزا-قىشلاقلىرىغىچە يەسلىلەر قۇرۇلۇپ دېھقان باللىرى 3، 4 يېشىدىن باشلاپلا مەخسۇس خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىشكە يىغىۋېلىنغان.

مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغاندىلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەك تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىم قاتارلىقلار كۆپ قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى ھوشيار بولۇشقا چاقىرىشقان ئىدى.