ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر 14 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى يېنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن 3000 نەپەر كادىر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى داۋاملىق تۈردە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندا مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مائارىپ سېپىدىن جەنۇبقا ئەۋەتىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 3 مىڭ كادىرنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە - ئورگانلاردىن 1200 نەپەر كادىر، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا قاراشلىق ئورگانلاردىن 1800 نەپەر كادىر تاللاپ چىقىلىدىكەن.
بۇ قېتىملىق مائارىپ ساھەسى بويىچە جەنۇبقا كادىر ئەۋەتىش ئىشى دائىرىلەرنىڭ 2014 - يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدىن باشلاپ ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش دولقۇنىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ئىستېراتېگىيەسى نۆۋەتتە يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، بۇندىن كېيىنكى مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ھالدا يەسلى مائارىپىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.