ئۈرۈمچىدە سوت خادىملىرى «قوشماق تۇغقان بولۇش» قا چاقىرىلدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 26-نويابىر يەكشەنبە كۈنى «سوت خادىملىرىمۇ قوشماق تۇغقان بولۇش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتتا ئىشلەيدىغان ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئۆزىگە «تۇغقان تېپىشى» نى تەۋسىيە قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى چېن چۈەنگو بۇ يىل 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا «بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان رايوندا كۈنسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش» دەپ كۆرسىتىلگەن.

دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر سىياسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەدىكى دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر سىياسەتتە تىلغا ئېلىنغان «كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ‹قوشماق تۇغقان بولۇشتا خىتاي ۋە ئۇيغۇرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى› نى تەلەپ قىلىش، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان، ھەتتا بىر ‏-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلەيدىغان ئىككى مىللەت كىشىلىرىنى سۈنئىي ھالدا دوستلۇق ئورنىتىشقا، ھەتتا بىر داستىخاندا غىزالىنىشقا مەجبۇرلاش بولۇپ، مىللەتلەر ئارا قارمۇ-قارشىلىقلار يامرىغان بىر جەمئىيەتتە، سۈنئىي يوسۇندىكى ‹قوشماق تۇغقان› چىلىق تەشۋىقاتلىرى ھېچقانچە ئۈنۈم يارىتالمايدۇ» دېدى.