«قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەشۋىقات تېمىسىغا ئايلانماقتىكەن

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىڭتۇەن باش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چېن چۈەنگونىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان.

12-ئاي كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانلار» نىڭ رەڭگارەڭ ھېكايىلىرى بىلەن تولغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى باش بېتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «كوئېنلۇن سارىيى» دا 300 دىن ئارتۇق «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان ھەر مىللەت ئائىلىلىرىگە زىياپەت بەرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانلار» ئۈچۈن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ۋە خىتايلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا «تۇغقانچىلىق رىشتىسى ئورنىتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈش» نى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش»سىياسىتىنى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە يولغا قويۇپ، مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنىڭ تىبەتتە مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇپ كېتىش مۇقامىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 1 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ھالبۇكى، ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار تىبەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ 10 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.