كىشىلىك ھوقۇق فوندى، مودا كىيىملەرنىڭ «قۇللار ئەمگىكى» مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى ھەققىدە قايتا ئاگاھلاندۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.11

9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «نيۇيورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى» داۋام قىلىۋاتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قانۇن ۋە پىروگرامما ئىشلىرى ئەمەلدارى كلودىيا بېننىت (Claudia Bennett) «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىدا ماقالە يېزىپ، مودا كىيىمگە ئامراق ئىستېمالچىلارنى «قۇللار ئەمگىكى» نىڭ ھەققىنى يېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان.

«سىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق، ئېسىل كىيىملىرىڭىز قۇللار ئەمگىكىدىن كەلگەن، دىققەت قىلىڭ! » ناملىق بۇ ماقالىدە، داڭلىق كىيىملەرگە ئىشلىتىلگەن پاختىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ ئېغىر بولغان ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ يىل 8-ئايدا ‹بلومبېرگ خەۋەرلىرى› تورى ‹كىشىلىك ھوقۇق فوندى› ئاللىقاچان بىلىدىغان بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى توردا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ماشىنا ئادىمىنى يوللاپ، بىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەھسۇلاتىمىز بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش دېتالىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ دېتالنى چۈشۈرۈشكە يول قويمىدى، شۇ ئارقىلىق كىيىم ئىشلەنگەن جاينى، تېخىمۇ مۇھىمى، كىمنىڭ ئۇ كىيىمنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ دېتال گۇگىلنىڭ قىستۇرما ئەپ دېتاللىرى قاتارىدا ئىشلەيدىغان دېتال بولۇپ، ئۇنى چۈشۈرسىڭىز سىز ئالغان كىيىمنىڭ كوممۇنىست خىتاي لاگېرغا سولىۋالغان بىر يېرىم مىليون ئادەمدىن بىرىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ، ئاندىن سىزدىن ئۇ كىيىمنى ئوبدان ئويلىشىپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» .

ماقالىدە Shein, Nike, Zara قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقى، «نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى» دە ئاشۇ ماركىدىكى كىيىملەرنىڭ كۆرسىتىلىشى مۇمكىنلىكى، شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە گەپ بولسىلا ھەممىسىنىڭ بېشى ئاغرىيدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر ھەممىلا شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتكە دۈم چۈشكەنلىكى، بۇنىڭ خىتايغا پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئەمما ئىستېمالچىلارنى بولسىمۇ «قۇل ئەمگىكى» نىڭ ھەققىنى يېمەسلىككە داۋاملىق چاقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.