ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى چۆللىشىشنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ھال تەكلىماكان بويىدىكى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 30 نەچچە يىل مابەينىدە چىرا ناھىيىسىنىڭ چىرا يېزا توپائېرىق كەنتىدە يەتتە مىليون مو (تەخمىنەن 450 مىڭ گېكتار) يەرنى چۆللىشىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھال دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر رايوندىكى خىزمەت «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نىڭ بىرى قاتارىدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەمدە بۇنى «ئىنسان بىلەن چۆللۈكنىڭ ماسلىشىپ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ تىمسالى» دەپ تەرىپلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا خوتەن تەۋەسىدە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ چۆللىشىپ كېتىشى بىر ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، چىرا ناھىيىسى قازانغان «مۇۋەپپەقىيەت» بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ھالبۇكى، خوتەن خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان چۆللۈك بىلەن توغراقلىق، تېرىلغۇ يەر بىلەن جاڭگاللىق ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا بۇ جايدا ياشاپ كەلگەنلىكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ چۆللىشىپ كېتىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا غايەت زور ساندا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى بىلەن ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
«نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 2016-يىلى 24-ئۆكتەبىردىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كونتروللۇق قىلىۋاتقان «چېگرا رايون» نامىدىكى تېررىتورىيەلەردە، بولۇپمۇ ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى قۇم بېسىپ كېتىشىدە «ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا سالغان بۇزغۇنچىلىقى» ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت قېزىشتا غايەت زور سۇ بايلىقىنىڭ سەرپ قىلىنىشى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.