قومۇل شەھىرى ئەتراپىدىن بايقالغان يۈزلىگەن تۇرالار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن ئۇچۇر بەرمەكتە

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» ئىنگىلىزچە بېتىدە چىققان بىر خەۋەرگە كۆرە، 2020-يىلدىن 2022-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ قومۇل شەھىرىدە 44 يەردە قەدىمىي تۇرا ئىزى بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن، 2022-يىل ئاخىرىغىچە قومۇل شەھىرىدە بايقالغان تۇرا 106 گە يەتكەن. بۇ تۇرالارنىڭ سانى كۆپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، جايلىشىشى رەتلىك ئىكەن.

خىتاي ئارخېئولوگلىرى، بۇ تۇرالارنىڭ تاڭ سۇلالىسى (618--907) ۋە چىڭ سۇلالىسى (1644--1911) دەۋرىدە ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مەركىزىي ئاسىيا جۇغراپىيەسىگە ماس كېلىدىغان بۇ قەدىمىي ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەنلا باغلانمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدىكى ئاتلىق قەۋملەرنىڭ مۇھىم ئىختىراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۇرالار قەدىمكى زامانلاردا يىراققا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئىنفورماتسىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

تارىخىي مەلۇملاتلاردا، تۇرا ياكى مەشئەل مۇنارىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، قاراۋۇللار ئۇ يەرگە بايراق قاداش، ئوت يېقىش ياكى دۇمباق چېلىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە قايسى تەرەپكە ماڭغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي ئارخېئولوگلىرى تۇرالارنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغانلىقىنى ئېيتىش ئارقىلىق بۇلارنىڭمۇ خىتايغا ئائىت قەدىمىي ئىزلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى بولغان. ھالبۇكى، بۇنداق تۇرالارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قومۇلدا كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا كۇچادىن جەنۇبقا سوزۇلغان قەدىمىي يول لىنىيەلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ھەرۋاقىت ھۇشيارلىقتا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرالارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا يەنە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى، ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان يىپەك يولىدىكى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقىلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان يەرلىك قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ۋەتەندە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئاتالمىش خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان تۈرلۈك ساختا تارىخىي بايانلارغا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.