ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 ياشلىق نۇرمەمەت ئىسمايىل ھېيتكا مەسچىتى ئالدىدىكى دۇكىنىدا قۇرئان ساتقانلىقى ئۈچۈن،2013 - يىلى 1 - مارت كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ 50 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ نۇرمەمەت ئىسمايىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئىگىلىشىچە، 1 - مارت كۈنى دۇكىنىدا تىجارەت قىىلىۋاتقان نۇرمەمەت ئىسمايىل قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن «قۇرئان ساتقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ ئېلىپ كېتىلگەن. ئائىلىسىدىكىلەر نۇرمەمەتنى كۆرگىلى بارغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار نۇرمەمەتنىڭ دېلوسى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەخسىلەرنىڭ قۇرئانى كەرىم قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى سېتىشىنى چەكلەنگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل كىرىشى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ بازارغا سالغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاشكارا سېتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئان كەرىمنىڭ شەخسلەر تەرىپىدىن سېتىلىشىنى چەكلىشى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ۋە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.