ماتەم ئىچىدە ھېيت ئويناۋاتقانلار خىتاي تەشۋىقاتىدا يەنىلا «بەختلىك» كۆرسىتىلگەن

قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا خىتاي تاراتقۇلىرى جانلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنە ھېيت خۇشاللىقىنى «بەختلىك تۇرمۇش، كۈلكىگە تولغان ھايات» دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

قۇربان ھېيت كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار، ئاۋات ناھىيە، لوپنۇر ناھىيە، خوتەن شەھىرى مەنزىرە رايونى، كۇچانىڭ تارىم يېزىسى، شايار ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى بىرلەشمە پائالىيىتى» ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ھېيتلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇربان ھېيت كۈنى كۆپلىگەن ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ياكى ساقچىلار «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىنلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن توپلىشىپ ھېيتلىشىش، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش» پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق مىللىي، دىنىي بايرامغىمۇ ئارىلىشىپ، كىشىلەرنى ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئەمەس، خىتاي كادىر ۋە ساقچىلىرى بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان، خەلقنىڭ ئازغىنە ھېيت خۇشاللىقىنىمۇ تارتىۋالغان. قورقۇنچ ئىچىدە ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقنى يالغان كۈلكىگە مەجبۇرلاپ، يالغان ئىناقلىق كەيپىياتىنى بەرپا قىلغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھېيت بايرامنى خۇشال-خۇرام، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنى «بەختلىك تۇرمۇش» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشى دۇنيادا ناھايىتى كەم كۆرۈلىدىغان بىمەنىلىك ئىكەن. كوممۇنىست خىتايدىن باشقا يەردە، ھېيت-بايرامغا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىلىشىۋالىدىغان، سۈيئىستېمال قىلىدىغان ياكى ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ئىش ئاساسەن يوق ئىكەن.