دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 2024-يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيت، كىشىلەر ئائىلە ۋە دوستلىرى بىر يەرگە جەم بولىدىغان، ئۆزئارا ھېيتلىشىدىغان، ئەنئەنىۋى يېمەكلەردىن ھۇزۇرلىنىدىغان، ھەدىيە تەقدىم قىلىشىدىغان، ئاداۋەتلەر يۇيۇلىدىغان مۇھىم بىر بايرامدۇر.

6-ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر-بىرىگە ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولسا بولسۇن، ئۆز ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. چوڭلار، ياشلار ۋە بالىلار ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماقتا.

يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مەسچىتلەردە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇپ كەلگەنىدى. بۇ يىل 16-ئىيۇن كۈنى (يەكشەنبە) ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار جامائەت بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇپ، تەبلىغ ئاڭلاپ، بۇ مۇبارەك ھېيتنى قۇتلۇقلىدى. نامازدىن كېيىن جامائەت ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، بەخت-سائادىتى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. نامازدىن چىقىپ بىر-بىرى بىلەن ھېيتلىق سالاملىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ، جامائەت ئۈچۈن تەييارلانغان ھېيتلىق يېمەكلەرگە ئېغىز تېگىپ، بۇ مۇبارەك بايرامنى تەبرىكلەشتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، 16-ئىيۇن قۇربان ھېيت كۈنى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنەئىنانچ جامەسىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان؛ گوللاندىيەدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغان؛ بېلگىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە ھېيت نامىزى ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ، قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتكەن. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ سىتوكھولمدا جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېيت گويا ماتەمگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي ۋە دىنىي بايراملارنى يوق قىلىشقا ياكى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرى تاڭزۇڭزا چاغىنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى يىلدىن يىلغا ئالاھىدە تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىگە خاس مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە.