6-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىتايچە «تەڭرىتاغ» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورى قۇربان ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى چىقارغان بولۇپ، ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇر رايونىدا «تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، مال باھاسىنىڭ مۇقىم» ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ياخشى يەپ-ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇر رايونىدا تاڭزۇڭزا بايرىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ خىتاي ساياھەتچىلىرى كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» تورىنىڭ 23-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، «جۇڭخۇ مىللەتلىرىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» نى ئەۋج ئالدۇرۇش، «خەلق ئاممىسىغا ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش» ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى گۇما ناھىيەسىدە «بىزنىڭ بايرام تاڭزۇڭزا» ناملىق ناخشا-ئۇسسول ۋە زۇڭزا يېيىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ ھەر خىل بايراملىرىنى ساياھەتچىلىك ۋە تەشۋىقات شەكلىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز قاتارلىق بايراملار چەتكە قېقىلغان ياكى ئۇ بايراملارنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىككە ئائىت ئالاھىدىلىكلىرى يوق قىلىنغان.
مىللىي بايراملار بىر مىللەتنىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەم بولغان ۋە ئۇنى ساقلاپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ قانداقتۇر مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق مۇستەملىكە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى» دېگەنىدى.