خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە قوي-كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەر تارقاتماقتا. ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلىش مەزگىلىدە ئاھالىلەرنى كۆكتات، ئاشلىق، ماي، گۆش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
25-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تۈركۈم يېمەك-ئىچمەك بازارلىرىنىڭ ئورنى يۆتكەلگەنلىكى بىلەن بىرلىكتە ئىسكىلاتتىكى قوي-كالا گۆشلىرىنى سېتىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ھەققىدە چىقىرىلغان بىر ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇخبىرىمىز تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، بۇنداق ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن تارقىتىلغانلىقى دەلىللەندى. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان خادىملار، قوي ۋە كالا گۆشىنى سېتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقى بۇ ئۇقتۇرۇشتا قوي ۋە كالا گۆشى سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما توخۇ ۋە چوشقا گۆشى سېتىشنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا جىددىي گۇمان قوزغىغان ئىدى. بەزىلەر بۇنى رايوندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت» نىڭ بىر پارچىسى، دەپ پەرەز قىلغان ئىدى.
مەزكۇر خەۋەر رادىيومىزدا ئېلان قىلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 30-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنى تىلغا ئېلىپ خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ھالدا قوي ۋە كالا گۆشى ئىستېمال قىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە ئاھالىلەرنى يېڭى كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 200 توننا قوي گۆشى، 150 توننا كالا گۆشىنىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقى، يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 60 يۈەن، يېڭى كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 66 يۈەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ، يېمەكلىكلەردە «ھالال-ھارام» دەپ ئايرىشنى ئەسەبىيلىك كاتوگورىيەسىگە كىرگۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھالال ۋە ھارام ئايرىماسلىققا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.