قۇربان نىيازنىڭ مەملىكەتلىك «تۆھپىكار نەمۇنىچىلار» قاتارىغا تىزىلىشى دىققەت قوزغىدى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز بىرنەچچە يىلدىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا قۇربان نىياز خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 مۇنەۋۋەر شەخس» تىزىملىكىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ۋەكىل بولۇپ تاللانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئۆتكەن 40 يىللىق مەزگىلدە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1978-يىلىدىن باشلاپ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نامىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغاندىن بۇيان بۇ ساھەگە زور تۆھپە قوشقان داڭدار كىشىلەر تاللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم تەبىئىي پەن ئالىملىرى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىقتىساد قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئوخشىمىغان تۈرلەردە داڭ چىقارغان كىشىلىرى بىلەن بىر قاتاردا تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىردەك خىتاينىڭ «سىياسىي» كادىرلىرى قوشۇنىدىن تاللانغان كىشىلەر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەكىللەر قاتارىدىكى قۇربان نىياز ئەسلىدە ئاھالىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ، «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپىنى ئېچىش بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ يەنە بۇ يېزىدىكى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە خىتايچە تىل ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، مەكتەپ قورۇسىدا كوڭ زىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ، بالىلارغا قەدىمكى خىتايلارغا تەقلىد قىلىنغان كىيىملەرنى كىيدۈرگەن. شۇنىڭدەك بالىلارنى تەشكىللەپ ھەر كۈنىگە كوڭ زىنىڭ ھەيكىلىگە تەزىم قىلدۇرغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تېيىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق يۈزلىگەن تالانت ئىگىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى»، «سىياسىي مەيدانى قەتئىي بولماسلىق» دېگەندەك تۈرلۈك بەتناملار بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن «تۆھپە» قوشۇۋاتقان قۇربان نىيازدەك بىر شەخسنىڭ «مەملىكەتلىك تۆھپىكار» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەتىۋارلىنىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئانالىزچىلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە قانداق ئۇيغۇرنىڭ ‹مۇنەۋۋەر› ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى» دېدى.