«قۇربان تۇلۇم ئۈچىنچى كەسىپ باغچىسى» خوتەندە قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.21

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى توغراغاز يېزىسىدا «قۇربان تۇلۇم ئۈچىنچى كەسىپ باغچىسى» رەسمىي قۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ داڭلىق «قىزىل ساياھەت رايونى» نىڭ بىرى بولغان كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» جايلاشقان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم قۇرۇلغان ئۈچىنچى كەسىپ باغچىسىغا 20 مىليون سوم (تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك) مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە سودىگەرلەر بۇ ھەقتىكى توختاملارنى باشلىۋەتكەن. مەزكۇر ئۈچىنچى كەسىپ باغچىسى تيەنجىن شەھىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى» دىكى بىر مۇھىم تۈر بولۇپ، تيەنجىن شەھىرى 2020-يىلىدىن بۇيان مۇشۇ «ياردەم قۇرۇلۇشى» نامىدا كېرىيە ناھىيەسى تەۋەسىدە «جۇڭخۇا كىملىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئاھالىلەر رايونى، مەكتەپ رايونى ۋە ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردا زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. «تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى» نىڭ باش قوماندانى چېن جيەن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بۇ تۈردە بازار ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىلىدۇ. ھازىر 40 نەچچە شىركەت بۇ يەرگە كېلىپ ئىش باشلاپ بولدى» دېگەن. ئەمما مەزكۇر ئۈچىنچى كەسىپ باغچىسىغا قانچىلىك يەر ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇ يەرلەرنىڭ مەنبەسى كىملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىنمىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلغان «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى خىتايچە تىلدىكى يەسلىلەرنى كۆپەيتىش ۋە خىتايچە ئوقۇتۇشنى كېڭەيتىش، خىتاي كارخانا-زاۋۇتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش دېگەندەك تۈرلەر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ «مەھسۇلات ۋە مەبلەغ خىتايغا ئېقىش، مۇھىت بۇلغىنىش شۇ جايدا قېلىش» شەكلىدە ئىش كۆرۈپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇ خىلدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ھاياتلىق ماكانى بولغان يەرلەرنى ئىگىلەپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش ھادىسىسى گاردنېر لېيگ (Gardner Leigh) نىڭ 2020-يىلى نەشر قىلىنغان «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىقتىساد تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە «مۇستەملىكە ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.