خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كەلگەن تەشۋىقاتلارنىڭ بىرى «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى» ھەققىدىكى «ھېكايىلەر» ھېسابلىنىدۇ. خوتەنلىك نامرات ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ 1950-يىللاردا «ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولۇشى» يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىزمغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە، شۇنىڭدەك «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» غا بولغان «دېڭىزدىن چوڭقۇر ھۆرمىتىنىڭ ئىپادىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان 2015-يىلىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن ۋە چېن چۈەنگو ئىزچىل قۇربان تۇلۇمنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چوڭ قىزى توختىخان قۇربان، نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى قاتارلىقلار داۋاملىق ھالدا بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىلمەكتىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلىدىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مەكتۇپ ئالاقىسىدىن كېيىن رۇقىيەم مەتسەيدى «كومپارتىيەنى سۆيۈش، خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈش» لازىملىقى ھەققىدە قولۇم-قوشنىلىرىغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» بېرىپ كەلمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى «تەربىيەسى» نى ئالغان كەنت ياشلىرىدىن ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن «مەن قۇربان تۇلۇم بوۋىمىزنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» ھەققىدىكى «تەلىملىرىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۆز قارچىغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. قۇربان تۇلۇمنىڭ پەي نەۋرىلىرىدىن مەڭنىساخان بولسا «پارتىيەمىزنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى بولغانلىقتىن بىزنىڭ ھازىرقى ئۆيىمىزدە شەھەردىكى ئۆيلەردە بولىدىغان سافا، كىيىم ئىشكاپى، تېلېۋىزور ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلار بار بولدى» دېگەن.
ھالبۇكى خەۋەردە خوتەن رايونىنىڭ ئىزچىل «ئەڭ نامرات» رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە خوتەن رايونىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان. خىتاي تەتقىقاتچىلاردىن چېن يەنبىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئالاھىدە قىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتمۈشتە قۇربان تۇلۇمنى ۋەكىل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتكە بولغان ‹ساداقىتى›نى نامايان قىلغان بولسا زامانىمىزدا ئالىم كاۋاپچى ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەنىدى.