خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارغا «قۇربان تۇلۇم مۇكاپاتى» تەسىس قىلدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر بالىلار خەير ساخاۋەت ئورگىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى سىياسىي ئوبراز-قۇربان تۇلۇمنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنى خىتاينىڭ «جۇڭخۇا ئۆسمۈرلەر خەير -ساخاۋەت ۋە ياردەم جەمئىيىتى» تەسىس قىلغان.

مەزكۇر جەمئىيەت 28‏-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىقى، مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان بۇ مۇكاپات، مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە، يارىلانغان ئامما ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇربان تۇلۇم 1883‏-يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ 1950‏-يىللاردا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبىرى ماۋزېدۈڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېشەك بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى مەلۇم.

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئاخباراتى 1975‏-يىلى قۇربان تۇلۇم ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «كومپارتىيىگە بولغان ساداقەتمەنلىك»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى» سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا كىرگۈزگەن.

بىراق، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇتلەق ئىتائەتمەنلىك ۋە ئۇيغۇر كىملىكىدىن يىراقلىشىشنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلىپ، ئىزچىل سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

قۇربان تۇلۇمنىڭ نامى خىتاينىڭ 1980‏-، 1990‏-يىللاردىكى ئىسلاھات دەۋرىدە پۈتۈنلەي غايىب بولغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە پەيدا بولۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر «قۇربان تۇلۇم مۇكاپاتى» نىڭ مىللەتلەرنىڭ تۇغقانچىلىق ھەرىكىتى، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي تىلى ۋە سەنئىتىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.