«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجاننىڭ ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.09.21

«خەلق تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوپېراتورى قۇربانجان يازغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتاب خىتايدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ كىتاب يېقىندا ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرى كىتاب ئاپتورى قۇربانجاننىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 30 كۈنىگىچە شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىتابتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر سەرخىللىرى» نىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن ئىكەن. ئۇنىڭدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خانىمى ئايىم ئەزىزى بىلەن قىزى ئارزۇگۈلنىڭ ھېكايىسىدىن تارتىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتايلار بىلەن تويلاشقان «شالغۇت ئۇيغۇرلار» نىڭ ھايات ھېكايىلىرىگە قەدەر مەزمۇنلار بايان قىلىنغانىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم› ناملىق كىتاب ئامېرىكىدا دىققەت قوزغىغان. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھازىرقى شىنجاڭغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى توغرىلىغان.»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتى ھەققىدە كۈچەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر كىتاب ئاپتورىنىڭ ئامېرىكىدا پەيدا بولۇپ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغانلىقى يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈندۇر، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.