خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئالدىنقى كۈنى، شاڭخەيدە ھ7ن9 ناملىق يېڭى تىپتىكى قۇش زۇكىمىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ خىل زۇكام سەۋەبىدىن شاڭخەيدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئىككى بالىسىدىمۇ ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى مىچاەل ئولەاري بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «مەزكۇر تىپتىكى كېسەللىك ئەگەر بىر ئائىلىدىكى 3 كىشىدە كۆرۈلگەن بولسا، بولۇپمۇ ھەممىسىدە ئۆپكە ئىششىقى كۆرۈلگەن بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئەندىشىلىنەرلىك» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، مەزكۇر تىپتىكى قۇش زۇكىمىنىڭ بۇرۇن پەقەت قۇشلار ئارىسىدىلا بىر-بىرىگە يۇققانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسانغا يۇقۇشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بىر قىسىم خىتاي ئەرزدارلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر كېسەلنىڭ بايقىلىشىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ نۇقتىدىمۇ پىكىر بايان قىلىپ «كېسەلنىڭ تىپى 29-مارت كۈنى بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، كېسەل ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى دېيىشكە بولىدۇ» دېگەن.