شاڭخەيدە بايقالغان يېڭى تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلار 16 گە، ئۆلگەنلەر 6 گە يەتتى

شاڭخەيدە بايقالغان يېڭى تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى داۋاملىق كېڭەيگەن. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ھ7ن9 تىپلىق مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلار 16 گە، ئۆلگەنلەر 6 گە يەتكەن.

شاڭخەيدە قۇش بازىرىدىكى كەپتەرلەردىمۇ بايقىلىپ، دائىرىلەر جۈمە كۈنى شاڭخەيدىكى قۇش بازارلىرىنى تاقىغان. بازاردىكى توخۇ، كەپتەر قاتارلىق بارلىق قۇشلارنى ئۆلتۈرۈپ دەرھال بىر تەرەپ قىلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ۋىرۇسنى ئالاقىدار كىشىلەر قۇشلاردىن يۇقتۇرۇۋالغان. بىراق خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئادەمدىن ئادەمگە يۇققانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى 5‏-ئاپرېل ئاگاھلاندۇرۇپ، مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان 400 دەك كىشىنى تەكشۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر ۋىرۇس شاڭخەيدىن باشقا جېجياڭ ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىرىدە بايقالغان. ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ھەر قايسى سەھىيە، دوختۇرخانا ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا جىددىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۆرۈش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ھۆكۈمىتى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يوشۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرى بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.