ب د ت خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 10 غا يەتتى. ھازىرچە قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئۆلگەنلەر ھەممىسى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا بايقالغان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە ئورگانلىرى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ھەم شۇنداقلا باشقا ئەللەرگە يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھ7ن9 ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنالمىغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ قۇشلاردىن ئادەمگە يۇققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى 5 چوڭ توخۇ، ئۆردەك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىمۇ يۇقىرىدىكى ۋىرۇسنى بايقىغان. نۆۋەتتە شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەر يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن شەخسلەرنىڭ ئۆيىدە توخۇ، ئۆردەك بېقىشىنى چەكلىدى. قۇش زۇكىمى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولۇپ، جايلاردىكى توخۇ بازارلىرى خېرىدار بولمىغانلىقتىن تاقىلىپ قالاي دېگەن. كىشىلەر ھەتتا تاماق يىيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بوپقالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرچە قۇش زۇكىمى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدىكى توخۇ بازارلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۈرۈمچىدە بىر كىلوگرام توخۇ گۆشىنىڭ باھاسى 2 يۈەن ئەتراپىدا چۈشكەن.