خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى شاڭخەيدە H7N9 تىپلىق يېڭى زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلاردىن بىر كىشى ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر سانى11گە يېتىپ بارغان.
شۇ كۈنى يەنە جېجىياڭدا 3 كىشى، بېيجىڭدا بىر كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ 44 كە يېتىپ بارغانلىقى ئېلان قىلىندى.
«شىنجىڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا بايقالغان بىمار 7 ياشلاردىكى ئۆسمۈر بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسى بۇ بالىنىڭ H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە يۇقۇۋاتقانلىقى، ئادەمدىن-ئادەمگە يۇققانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى تەنقىدلىنىشكە باشلىغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىنى 19- فېۋرال بايقىغان بولسىمۇ، بىراق 31- مارت كۈنى ئېلان قىلغان.
«كوممۇنىستىك ياشلار» گېزىتى قاتارلار بەزى خىتاي نەشرىيات ئەپكارلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ كېسەللىكنى نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ ئېلان قىلغانلىقى سوراق قىلىنىشقا باشلىغان.