شاڭخەي شەھىرىدە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ كېسەل تېز سۈرەتتە تارقالغان بولۇپ، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 14 - ئاپرېلغا كەلگەندە مەزكۇر زۇكام بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ جاڭسۇ، جېجياڭ ۋە خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر كېسەل جاڭسۇ ئۆلكىسىدە يېڭىدىن ئىككى ئادەمدە، جېجياڭ ئۆلكىسىدە يېڭىدىن 4 ئادەمدە بايقالغان بولۇپ، جېجياڭدا مەزكۇر كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 15 كە يېتىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن.
13 - ئاپرىل كۈنى بېيجىڭدا 7 ياشلىق بىر بالىمۇ مۇشۇ خىل زۇكام بىلەن ئاغرىغان بولۇپ، ئەمما، جۇڭگو دائىرىلىرى داۋالاۋاتقان بەزى كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى، ئەگەردە ئالدىن سېزىلىپ، جىددىي داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىل قۇش زۇكىمىنىڭ كەپتەرلەر ئارقىلىق تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.