خىتايدىكى قۇش زۇكىمى بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەندىشىنى كۈچەيتتى

-ئاپرېلغىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتايدا تارقالغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 15-ئاپرېل كۈنى 63 نەپەرگە يېتىپ،14كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.

ئۆتكەن ئايدا شاڭخەي شەھىرىدە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ كېسەل تېزلىكتە تارقالدى. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 14-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، خېنەن، بېيجىڭ قاتارلىق6 ئۆلكە، شەھەرنى مەركەز قىلىپ، خىتايدىكى 29 شەھەرگە كېڭىيىشكە باشلىغان.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تېزلىكتە تارقىلىشى پۇقرالارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. بېيجىڭلىق جۇ دېگەن كىشى بۇ كېسەلنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدە تارقىلىشىنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ كېسەل ئەتىيازدا كۈن ئىسسىغاندا تارقالدى. ئىلگىرى تارقالغان سارس كېسىلىگە ئوخشاش بۇ كېسەل دەسلەپكى مەزگىلدە يۇقۇملىنىشى ئاستا بولغىنى بىلەن، يازنىڭ كىرىشى بىلەن تېزلىكتە تارقالسا ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ شەھەرلەردە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس» دېدى.