بۈگۈن خىتايدا پەيدا بولغان قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن يەنە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خىتايدا H7N9 دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 16 گە يەتتى. خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئۆرلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
خىتايدا ھازىرغىچە 77 كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى بېكىتىلدى. ئەمما ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ۋە ئادەملەرنىڭ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشىغا نېمىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تېخى ئېنىقلىنىپ بولالمىغانلىقتىن،يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئۆرلىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇل تەتقىقاتچىسى زېڭ گۇاڭ 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆي قۇشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە بىر مەلۇمات يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇپ يۇقۇملانغانلىقى سىر پېتى تۇرماقتا» دېگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا زۇكام ۋىرۇسى مۇتەخەسىسىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەتنى خىتايغا ياردەمگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شاڭخەي ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدە دائىرىلەر ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆي قۇشى بازارلىرىنى تاقىدى. ئىقتىسادىي چىقىم بىر يېرىم مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇس ياڭزىجاڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەردىن ھالقىپ، بېيجىڭ ۋە خېنەندىمۇ بايقالدى. بۈگۈن خېنەن دائىرىلىرى بىر قىسىم يېزىلاردا 400 دىن ئارتۇق چوشقا ۋە 122 ئىتنىڭ ئۆلۈكى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.