دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
2013.04.19
ئۈرۈمچى سەھىيە ئىدارىسى 18-ئاپرېل ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 16-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كېسەل بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. بۇ خەۋەر ئۈرۈمچى ئاھالىسى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.
«ئۇيغۇربىز» تورى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ۋەھىمە كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقالغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىدىمۇ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقىلىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، 18-ئاپرېل سەھەرگىچە خىتايدا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 87 گە يەتكەنلىكى، 17 كىشىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.