خىتايدا بايقالغان قۇش زۇكىمى ئەڭ ئەجەللىك ۋىرۇس ئىكەن
2013.04.24
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا قارىغاندا، يېقىدا خىتايدا بايقالغان قۇش زۇكىمى ھازىرغىچە بايقالغان شۇ خىل زۇكام ۋىرۇسلىرى ئىچىدە ئەڭ ئەجەللىكى بولۇپ، بۇ سەھىيە خادىملىرىنى ئەندىشگە سالغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق زۇكام مۇتەخەسسىسى كەيجى فۇكۇدانىڭ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى، 2003 - يىلى ئاسىيادا تارقالغان H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىغا قارىغاندا قۇشتىن ئادەمگە تېخىمۇ تىز يۇقىدىكەن.
نۆۋەتتە سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەمگە يۇقۇش ئىقتىدارىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
فۇكۇدانىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملىنىپ تېخى بايقالمىغان يەنە نۇرغۇن قۇش بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسنى تولۇق چۈشىنىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى ھازىرغا كەلگۈچە 100 ئادەمدە بايقالغان، بۇلاردىن 20 ئادەم ئۆلگەن.