رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلى رايونىدا قۇش زۇكىمىدا يۇقۇملانغان 55 مىڭ توخۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغان. خەۋەردە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن 16 مىڭ دانە ئۆي قۇشىنىڭ تۇيۇقسىز يۇقۇملىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خىل تەدبىر ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ يېقىندا غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا H5N6 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىپ، دېھقانلار بېقىۋاتقان ئۆي قۇشلىرى ئارىسىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ يەنىمۇ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
يەنە باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قىش مەزگىلىدە خىتايدا ئۆي قۇشلىرى، ھەتتا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى قايتىدىن ئۆرلىگەن. يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، بۇ يىل قىش پەسلى كىرگەندىن بۇيان خىتايدا ئەڭ ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.