دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىسىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

كىلىمات ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تونۇلغان ژۇرنال «ئاتموس» (Atmos) 11-دېكابىر كۈنى، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيە بازىسى خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاۋاتىدۇ» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەشەببۇسچىلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇپ رېكورت ياراتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىسىنى ماختىغانلىقى، ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى قاباھەتلىك رېئاللىقنى بىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاۋسترالىيە ئاممىۋى تەشكىلات كىلىمات ئېنېرگىيە پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتى ئانالىزچىسى شياڭ دوڭ بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىسىنى ماختاپ: «بۇ تۈر دۇنياغا كۈنتاختا باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشى ھەمدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەسىگە كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسەتتى» دېگەن.

ھالبۇكى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئاساسلىق كۆمۈر ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغانلىقى ۋە بۇ توكنى كۈنتاختا ياساش سانائىتىگە ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم.

«ئاتموس» ژۇرنىلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان سۆزىگە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېگەن: «ۋەتىنىمنىڭ پاختىدىن كۆمۈرگىچە ۋە باشقا كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلىرى مول. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا خىتايلارنى يۆتكىدى. بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشغال قىلىش ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش تارىخىنىڭ داۋامىدۇر».

كۈنتاختىلارغا ئىشلىتىلىدىغان خام ماددىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى ئېنىقلانغانىدى. مىليونلاپ لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يوللانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.