ئەنگلىيە ئىشلىتىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىكەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئەنگلىيە بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختايلىرىنىڭ 40 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا بازارلاردىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختايلىرىنى ياسايدىغان كۆك تاش (پولىيسىلىكۇن) نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇلار بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىكەن. ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان مىليونلاپ لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» دىن كېيىن مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يوللانغانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشى بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆك تاش ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىق قاتارلىق كۆپلىگەن مۇئەسسەسەلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلىرىغا قۇياش ئېنېرگىيە تاختايلىرىنى سەپلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مەنبەسى بىردەك خىتاي شىركەتلىرى ئىكەن. ھالبۇكى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى بولسا كۆپ قېتىملاپ دەلىللەنگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆك تاش قېزىش ئەمگىكىنى بىڭتۇەن كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېمبارگو ئېلان قىلغان خىتاي مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بىرى دەل مۇشۇلار ئىكەن. ئەنگلىيەدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل پائالىيەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى كرىستوفېر خېۋېت ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ئەنگلىيەدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تارماقلىرى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغان مەسىلىدۇر» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدىكى «بلومبېرگ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ زور ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆك تاش ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نى پاش قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن كۆك تاش ئىمپورت قىلىشى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن. «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى باش ماقالىسىدىمۇ كۆك تاشقا باغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئالاھىدە شەرھلىنىپ «خىتايدىن قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئالماڭلار، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى» دېيىلىدۇ.